Uyghur主要词典
سولماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جانلىق ھالەتنى يوقاتماق.
ئەقلىڭ تولىدۇ، ھۆسنىڭ سولىدۇ. تاماكىدىن ياشمۇ سولىشار. سادىن قورقۇپ سالپايغان ساراڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
گۈل - چېچەكلەر خازان بولماق.
ئېچىلماق
گۈل - چېچەكلەر پورەك ئاچماق.
نۇرغۇن گۈللەر ئادەم يوق يەردە ئېچىلار. ئانام بارغۇچە، لەيلىقازاق توزۇپتۇ. گۈل سولىدۇ، ھىدى قالىدۇ. ئەقىل تولىدۇ، ھۆسن سولىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياندۇرماق، قۇسماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆسۈۋاتقان ياكى يېڭى ئۈزۈلگەن ۋاقىتتىكى ياش ھالىتىنى يوقاتماق، سالپايماق، قورۇلماق، سولاشماق (ئۆسۈملۈك ھەققىدە).
شەرىپنىڭ گۈلدەك چىرايى سولغان ياپراققىلا ئوخشايتتى.
كۆچمە. روھلۇق، جۇشقۇن ھالىتىنى يوقاتماق، سارغىيىپ رەڭگىدىن كەتمەك، بوشاشماق.
سىزنى كۆرۈپ ئوتىڭىزغا دۇچار بولدۇم، ۋەسلىڭىزگە يېتەلمەستىن قۇرۇپ سولدۇم.