Uyghur主要词典
سوكوتو سۇلتانلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
غەربىي ئافرىقىدىكى ئىسلام پادىشاھلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1804 - يىلى ئوسمان دەن فۇدىئو جىھاد قوزغاپ، فوربىلار ۋە خوسا قۇللىرى، پۇقرالارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، خوسا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، 1809 - يىلى خەلىپە دۆلىتى قۇردى. ئوسمان دەن فۇدىئو ئورنىنى بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئوغلى مۇھەممەد بەنىجۇ سوكوتودا يېڭى پايتەخت قۇرۇپ شەرقىي قىسمنى ئىدارە قىلدى. ئۇكىسى ئابدۇللا مۇھەممەد گۋاندۇدا تۇرۇپ غەربىي قىسىمنى ئىدارە قىلدى. 1817 - يىلىدىن كېيىن ئىككى سۇلتانلىققا بۆلۈنۈپ كەتتى. 1821 - يىلىدىن كېيىن بىرلەشتى. بىرلەشكەندىن كېيىن سودا - سانائەت گۈللەندى، ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىشى چوڭقۇرلاشتى. كېيىن ھەر قايسى شەھەرلەر يېرىم مۇستەقىللىق ئورۇنغا ئىگە بولدى، 1885 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن بىر قىسىم ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالدى. 1903 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئەنگلىيىگە قاراشلىق شىمالىي نىگېرىيە ھامىيلىقىغا قوشۇۋېتىلدى