Uyghur主要词典
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جاھانگىرلارنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىۋاستە قوراللىق ھۇجۇمىدىن باشقا بارلىق دۈشمەنلىك پائالىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ<سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> دەپ ئاتالغان. 1946 - يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا بۇرژۇئا سياسىي ئوبزۇرچىسى ھېربېرت سوۋپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بارۇك (1870 - 1965)غايېزىپ بەرگەن بىر پارچە نوتۇق ئورىگىنالىدا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان، ئۇنىڭدا ئامېرىكا <قاتتىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىئىچىدە> تۇرماقتا، دېيىلگەن. شۇ يىلى ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىل ئېلان قىلغان فولتون نۇتقى ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومىننىڭ ئىككىنچى يىلى ئوتتۇرغا قويغان دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى خېتى، ئۇرۇشتىن كېيىن جاھانگىرلىك بولۇپمۇ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1949 - يىلى 9 - ئايدا، ئامېرىكا بۇرژۇئا سىياسىي ئوبزۇرچى لىپمان ئۆزىنىڭ <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> سەرلەۋھىلىك كىتابچىسىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى>نى تەرغىپ قىلىدىغان بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى>دېگەن بۇ ئىبارە كەڭ دائىرىدە تارقىلىشقاباشلىغان.