Uyghur主要词典
سۆز
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
سۆز، گەپ، نۇتۇق، پاراڭ؛ ۋەدە: سۆز ئەھلى - ئۆتكۈر سۆزلۈك، ناتىق؛ شائىر؛ سۆز بادەسى - يېقىملىق سۆز؛ سۆز بەرمەك - ۋەدە بەرمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز ئىختىيارىي بىلەن ئۈستىگە قالغان مەجبۇرىيەت.
<گەپ>، <سۆز>، <لەۋزە> لەر كۆچمە مەنىدىلا <ۋەدە> گە مەنىداش بولىدۇ.
<بەرمەك>، <ئەيلىمەك>، <قىلماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
قۇرۇق ۋەدە قوڭالتاق كەش. ئىككىگە ۋەدە قىلغاندىن بىرنى بەرگەن تۈزۈك. بېرىپسەن ۋەدە، ئەلۋەتتە ۋاپا قىل، ۋاپاسىزلىقنى قەلبىڭدىن جۇدا قىل. پەيمان ئەيلىمەك؛ پەيمان قىلماق. ئەھدىسىدە تۇرمىغان يولدىن ئازار. ئەھدىسىدە تۇرماسلىق كېسەلنىڭ يامىنى. ئەھدۇپەيمانىڭنى ئۇنتۇما. نامەرد گېپىدە تۇرماس. گېپىدە تۇرمىغاندا ئىشەنچ يوق. ئۆزۈڭ سۆزۈڭدە تۇرمىساڭ، ئۆزگىلەرمۇ سۆزىدە تۇرماس. سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول كۆرسەتكەن ئوزۇق. لەۋزە قىلغان ئىكەنسەن، لەۋزىڭدىن يانما. لەۋزىدە تۇرۇش ئىنسانىي خىسلەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىش مەجبۇرىي بولغان كۆرسەتمىسى.
بۇيرۇقنىڭ قولى. ئۆزى بۇيرۇق قىلىپ ئۆگەنگەن كىشى قىيىن باشقىلارغا قۇلاق سېلىشى. ئەدەبتىن ئەمر ئەلا. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بويرۇقى كۈچلۈك. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن. يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە، يەردە قالمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىل تاۋۇشى ياكى تىل تاۋۇشلىرىدىن ئىبارەت مەنە بېرىدىغان تىل بىرلىكى.
«كەلىمە»، «كالام»، «سۇخەن» ئىستېمالدىن قالغان، پەقەت سۆز بىرىكمىلىرىدىلا كېلىدۇ: كەلىمە تەيبە، كالامۇللا، سۇخەنچىلىك قىلماق ...
«سۆز»، «نۇتۇق» لارنىڭ مەنىسى كېڭەيگەن، دوكلات، مەرۇزە م
ئەقىلنىڭ كۆركى تىلدۇر، يىلنىڭ كۆركى سۆز. سۆزدىن سۆز چىقىدۇ، شوردىن تۇز. ھەر ئىلىمدىن ئاڭلىساڭ بىر سۆز، ئۆگەن ئۇنى كېچە - كۈندۈز. باش شۇجى جياڭ زېمىننىڭ لۇشۈننى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنى ئۆگەندۇق. گەپ گەپنىڭ تېگىنى ئاچىدۇ. گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە. پاراڭ بار يەردە ساراڭ بار، ساراڭ بار يەردە پاراڭ. لەېزى چىرايلىقنىڭ ئۆزى چىرايلىق. «يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» نى ئۆگەندۇق. كىمدە بىھۇدە سۆز بولسا بىيار، ئۇ نۇتۇق مەجلىسىدە بولار خار. ئاساسىي لۇغەت فوندى؛ لۇغەت تەركىبى؛ لۇغەت مەنىسى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى. ئىنگلىز تىلىدا RNU لېكسىكىسىنىڭ 832 خىل مەنىسى بار ئىكەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭقۇر مەنىلىك، سىرلىق سۆز - ئىبارىلەر.
ئاز يېمەك ساقلىققا، ئاز دېمەك ھېكىمەتكە باغلىق. جاھان باشتىن ئاياغ ھېكمەتقۇ ھېكمەت، نېمىشقا غەپلەت بىزگە بولۇپتۇ قىسمەت. سەمىمىيلىك ئەقلىيە سۆزىنىڭ بىرىنچى بابى. قاينام ئۆركىشىنىڭ ئەسەرلىرىدە چوڭقۇر مەنىلىك ئافورىزملار بار، <بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى> بىر مىسال.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۆز.
3 - 173
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سۆز، ئەمر، بۇيرۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<تىل> تىلنى تەشكىل قىلىدىغان، تاۋۇش بىلەن مەنە زىچ بىرىككەن، تىلدا ئەركىن قوللىنىشقا بولىدىغان ئەڭ كىچىك لېكسىكىلىق بىرلىك.
گەپ، گەپ - سۆز، نۇتۇق.
مىش - مىش گەپ؛ ئىغۋا.
سۆز تارالماق.
ۋەدە؛ لەۋز.
سۆزىدە تۇرماق.
<دېگەن> سۈپەتدىشى بىلەن كېسىم رولىدا كېلىپ <... بىلەن باراۋەر>، <باشقا نەرسە ئەمەس> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ھەممە پەندىن ياخشى ئۆتتۈم، ئەمدى ئۇنىۋېرسىتېتقا كەتتۇق دېگەن سۆز.