Uyghur主要词典
سۆسەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىرىسى ئېسىل ھايۋانلار. بۇ يەردە شۇنداق ھايۋانلارنىڭ تېرىسى دېيىلىۋاتىدۇ، تۇماق - قۇلاقچا تىكىلىدۇ، قىشلىق پەلتوغ ياقا قىلىنىدۇ.
قاما ياقىلىق پەلتو كىيگەن خېنىم ئۆتۈپ كەتتى. قۇندۇز تۇمىقىم بار ئىدى، يوقالغىنى خوپ بولدى، بېشىمغىمۇ تار ئىدى. توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا، ئەسكى چاپانغا سۆسەر ياقا. كەمچەت تۇماق كىيگەن يىگىت خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، تۆت پۇتى قىسقا، قۇلىقى ئۈچ بۇرجەك، ئاڭلاش سەزگۈسى كۈچلۈك كېلىدۇ. تۈرى كۆپ بولۇپ، تېرىسى ئەتىۋارلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئېسىل تېرە ئېلىنىدىغان سۇ ھايۋىنى، سۆسەردەك ئەتىۋارلىق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
سۆسەرخان، سۆسەرگۈل
بىر خىل سۇ ھايۋىنى (بۇ يەردە سۆسەردەك ئەتىۋارلىق دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)