Uyghur主要词典
سۆرەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەرنى يۇمشىتىش، چالما - پامپىلارنى ئېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق ماشىنا - سايمانلىرى.
«تاتىلا» لوپنۇر دىئالېكتىدا «تىرنا».
قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە ساپتۇ. يەرگە تىرنا سال، ياخشى ھوسۇل ئال. كېۋەزلىككە كولتىۋاتۇر سېلىندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېرىلغان يەرنىڭ ئۈستىدىن سۆرىتىپ چالمىلىرىنى ئېزىش، يەرنى تۈزلەش ۋە شۇ ئارقىلىق نەملىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچلىق سايمىنى. ئۇ ياغاچتىن ياسىلىدۇ ياكى چىۋىقتىن توقۇلىدۇ.