Uyghur主要词典
سۆرە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۆينىڭ تۆپىسى، تورۇس (قۇمۇل شېۋىسىدە ) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چەللە، لاپاس (لوپ شىۋىسىدە) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سۆرىمەك، سۆرەش، تارتىماق.
سۆرەپ ماڭماق. * قېرىلىق گۆرگە سۆرەيدۇ (ماقال) .
ئات سۆرىمەيدۇ، يەم سۆرەيدۇ،
ئۆكۈز سۆرەيدۇ، ھارۋا غىچىرلايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەتراپى ئوچۇق، ئۈستى يېپىلغان ئۆي، جاي.
تازغا مەنسەپ تەگسە چەللىدە ئات چاپار. قارلىقتىن چۈشكەن يامغۇر تاشنى تېشەر. لەمپىسى يوق ساراي، مەن قايان باراي. لاپاستا ساقلىغان مال ئىگىسىنى خۇش قىلار.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئۆگزە، ئۆينىڭ تۆپسى؛ تورۇس.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
ئوت _ چۆپ دۆۋىلەنگەن جاي، لاپاس، قالىق، چەللە ( « سۆرۈ » مۇ دېيىلىدۇ ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. كەپە، چەللە.