Uyghur主要词典
سۆڭەك ھاسىل قىلىش ھۈجەيرىلىرى
领域: بىئولوگىيە<سۆڭەك ياساش ھۈجەيرىسى>، <سۆڭەك يىڭنىسى ھۈجەيرىسى> ياكى <سكلېروبلاست> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋان تېنىدىكى كالتسىي، كرىمنىيلىق ماددىلار ياكى باشقا قاتتىق ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان بىر خىل ئالاھىدە ھۈجەيرە. دېڭىز بۇلۇتىنىڭ سۆڭەك ھاسىل قىلىش ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرا كوللوئىد قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، بىر ئوقلۇق، ئۈچ پۇتلۇق، تۆت ئوقلۇق قاتارلىق ھەر خىل تىپتىكى كالتسىيلىق ياكى كرېمنىيلىق سۆڭەك يىڭنىسى ياكى سۆڭەك پلاستىنكىلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ؛ ياكى ئورگانىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ تالاسىمان بولۇت يىپچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنداق سۆڭەكلەرنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ھۈجەيرىلەر بۇلۇت تالاسىنى ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۆڭەك ھاسىل قىلىش جەريانىدا ئىككى خىل ھۈجەيرىلەر قاتنىشىدۇ، بىر خىلى ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر، بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە ئۇزىراپ تەدرىجىي ھالدا سۆڭەك يىڭنىسى ھاسىل قىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى مۇستەھكەملىگۈچى ھۈجەيرىلەر، كالتسىي ماددىسىنى دەسلەپ ھاسىل بولغان سۆڭەك يىڭنىسىگە قوشۇپ پۇختىلايدۇ. ترېپانگىدا سېزوبلاستتىن كەلگەن ھۈجەيرىلەر ئاجرىتىپ ھاسىل قىلغان ئۇششاق كالتسىيلىق سۆڭەك پلاستىنكىلىرى بولىدۇ. سۆڭەك يىڭنىلىرى بىلەن سۆڭەك پلاستىنكىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك تەن دىۋارى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، بەدەنگە تىرەكلىك رولىنى ئۆتەيدۇ. شۇنداقلا تۈرلەرگە ئايرىشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。