Uyghur主要词典
سودىدا زورلۇق قىلىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - تاۋارلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن زورلاپ ئېلىپ - ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - بازار باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاۋارلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن زورلاپ ئېلىپ - ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغان ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىك سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
226 - ماددا تاۋارلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن زورلاپ ئېلىپ - ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا ايكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。