Uyghur←Chinese主要词典
سېنت ۋىنسېنت دېڭىز تۇمشۇقى ئۇرۇشى
领域: دۇنيا تارىخى圣文孙特海角之战
shèng wén sūn tè hǎi jiǎo zhī zhàn
1797 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئىسپانىيە فلوتلىرىنىڭ پورتۇگالىيىنىڭ سېنت ۋىنسېنت تۇمشۇقى يېنىدا قىلغان ئۇرۇشى. 1796 - يىلى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە <ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىتتىپاقى> تۈزگەن. ئىككىنچى يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئىسپانىيەنىڭ 72 چوڭ ھەربىي كېمىسى دېڭىز ئارقىلىق كارس پورتىغا قايتىپ كېلىشىدە سېنت ۋىنسېنت تۇمشۇقىدىن ئۆتكەن، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى جېرۋس (1735 - 1823) 15 چوڭ ھەربىي كېمىنى باشلاپ ئالدىغا چىقىپ، ئىسپانىيەفلوتىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۆت چوڭ ھەربىي كېمىنى ئولجا ئالغان. بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشى ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا قايتا كىرىشى (فرانسىيەنىڭ ئىتالىيىدىكى غەلىبىسى ئەنگلىيەنى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئايرىلىشقا مەجبور قىلغان) ئۈچۈن يول ئاچقان. جېرۋىس ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، سېنت ۋىنسېنتنىڭ ماركىزلىقىغا تەيىنلەنگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。