Uyghur←Chinese主要词典
سىندىكالىزم
ئۇنىۋېرسال
工团主义
gōng tuán zhǔ yì
دۇنيا تارىخى
工团主义
gōng tuán zhǔ yì
ھۆكۈمەتسىزلىك سىندىكالىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ بىرخىل ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بولۇپمۇ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلاردا كەڭ تارقالغان. فرانسىيىدىكى سورېل (1847 - 1922) ۋە لاگاردال (1875 - 1914) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى ئىدى. ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى پارتىيە بىلەن قارىمۇ قارشى تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۆز پارتىيىسى بولۇشىنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق دەپ قارىغان، ئىشچىلار ئۇيۇشمسىنى پارتىيە ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئىشچىلارنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ۋە ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بىردىنبىر تەشكىلىي شەكلى دەپ قارىغان. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەممدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ ھەمدە ھەممىنى باشقۇرىدۇ دەپ تەرغىپ قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىرلەشمە تەشكىلىنى دۆلەت ئورنىغا دەسسىتىش كويىدا بولغان. ئىشچىلار سىنپىنىڭ سىياسىي كۈرەشنى ۋە قوراللىق كۈرەشنى ئىنكار قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئومۇمىي ئىش تاشلاش - كاپىتالىزمنى يوقىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى دەپ تەرغىپ قىلغان ھەمدە مۇشۇنداق ئىش تاشلاشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقرىش ۋاستىلىرىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزگەندىلا، ئېكسپىلاتاتسىيە يوقىتىلغان جەمئىيەتنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: <ھۆكۈمەتسىز ئىشچىلار ئۆمەكچىلىكى ئاغمىچىلىقنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى> (<ماركىس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن، ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما> ئىلمىي سوتسىيالىزم قىسمى، 335 - بەت).