Uyghur主要词典
سىنچى
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چىرايغا، ئىزغا قاراپ ئەھۋال بىلگۈچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
لىم، جەگە. (سېۋە)
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
سەپ سالغاق، كىشىنىڭ تۇرقىغا قاراپ باھا بەرگۈچى؛ پايلاقچى، ئىشپىيون، رازېتچىك.
شىۋىلەر
كىشىنىڭ چىراي _ تۇرقىغا قاراپ خاراكتېرىغا باھا بەرگۈچى، تەھلىلچى؛ پايلاقچى.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
جەگە، لىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھەرقانداق نەرسىنىڭ تۇرقى، كۆرۈنۈشى، چىراي - شەكلىگە قاراپ شۇ نەرسىگە باھا بەرگۈچى كىشى؛ شۇ ھەقتە تەھلىل يۈرگۈزگۈچى كىشى.
بەزى چاغلاردا ئاياللار بەكمۇ زىل، نازۇك ۋە تولىمۇ سىنچى كېلىدۇ.