Uyghur主要词典
سمۇتس
دۇنيا تارىخى
(1870 - 1950) جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى (1919 - 1924، 1939 - 1948). بۇر مىللىتىدىن. 1891 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا سېتىللېنوش شەھىرىدىكى ۋىكتورىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئەنگىليىدىكى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خرىستىئان ئىنىستىتۇتىدا قانۇن ئۆگىنىپ، 1894 - يىلى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 1895 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىغا يېنىپ كېلىپ، سىياسىي ساھەگە كىرىپ، ئەنگىلىيىنىڭ بۇرلاربىلەن ھەمكارلىشىشىنى كۈچەپ بازارغا سالغان. رودېسنىڭ ترانسۋالغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ئەنگىلىيە پۇقرالىقىدىن ۋاز كىچىپ، ترانسۋائالغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەنگىلىيە - بۇر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇرلار ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ئەنگىلىيە بۇر ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە ئەنگىلىيە بىلەن بۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، ترانسۋائال بىلەن ئورېيىنچلاردا ئاپتونومىيىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ھەمدە كاپې ۋە ناتال مۇستەملىكىلىرى بىلەن ئىتتىپاق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1910 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى (1910 - 1920) بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ئەنگىليىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىدىكى ئەنگىلىيە ئارمىيىسنىڭقوماندانى بولۇپ، گېرمانىيىگە قارام غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىنى بېسىۋالغان. 1917 - يىلى ئەنگىليە ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە يىغىنىغا ۋە ئۇرۇش ۋاقتى ئىچكى كابىنتىغا قاتنىشىپ، زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان ھەمدە پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1919 - يىلى پارىژ تىنچىلق يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىغا قايتىپ كەلگەن. ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ، زۇڭلى، ئۇنىۋېرستېت مۇدىرى،مۇئاۋىن زۇڭلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ۋەزىپە يۈرگۈزىۋاتقان چاغلىرىدا ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا (نامبىيە)نى يۇتۇۋېلىشقا جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئىشقا ئاشۇرالمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدەجەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى ۋە باش قوماندانى بولغان. ئۇنىڭ <پۈتۈنلۈك نەزەرىيىسى ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات>، <دۆلەتئىتتىپاقى؛ قىممەتلىك بىر تەكلىپ>، <ئافرىقا ۋە دۇنيا مەسىلىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.