Uyghur←Chinese主要词典
سىمېدلى
دۇنيا تارىخى
史沫特莱
shǐ mò tè lái
(1890 - 1950) ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى، ئاخبارات مۇخبىرى. ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مەدىكار، تاماكا فابرىكىسىنىڭ ئىشچىسى، گېزىت- ژورنال ساتقۇچى بولغان. 1918 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1919 -يىلدىن باشلاپ گېرمانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇرغان. 1929 - يىلى گېرمانىيىنىڭ <فرانكفورت گېزىتى>نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى سۈپىتىدە جۇڭگوغا كەلگەن. 1930 - يىلى شاڭخەيدە لۇشۈن، ماۋدۇن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ، جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1933 - يىلى جۇڭگو توغرىسىدىكى بىرىنچى كىتابى <جۇڭگولوقلارنىڭ تەقدىرى> نى ئېلان قىلغان. كېيىن يەنە <جۇڭگو قىزىل ئارمىيىسى ئىلگىرلىمەكتە>ى ئېلان قىلغان.ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن يەنئەن، شىئەنلەرگە بېرىپ ئالدىنقى سەپ مۇخبىرى بولغان ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشلىگەن. 1941 - يىلى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا قايتىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1949 - يىلى ئەنگىلىيەگە بېرىپ، كېيىنكى يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.جەسەت كۈلى ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن جۇڭگوغا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغان. سىمېدلىنىڭ ئاپتوبىئوگرافىك ئەسىرى <زېمىن قىزى>، جۇدېنىڭ تەرجىمىھالى <ئۇلۇغ يول> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.