Uyghur主要词典
سلۇيس دېڭىز ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئېكلۇسې دېڭىز جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگىلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشىدىكى مۇھىم دېڭىزجېڭى بولۇپ، 1340 - يىلى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سلۇئىس (فرانسۇزچە ئېكلۇسې دەپ ئاتىلىدۇ، قەدىمكى پورت، ھازىرقى گوللاندىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدا)نىڭ يېنىدايۈز بەرگەن. ئەنگىلىيە دېڭىز فلوتى (250 كېمىدىن تەركىب تاپقان) كىچىك دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئىچىدە تۇرغان فرانسىيە دېڭىز فلوتى (140 كېمىدىن تەركىب تاپقان)غا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىيە كېمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چۆكتۈرۋەتكەن ۋە ئەسىرگە ئالغان.