—参考资料
سۇلتان ئوبۇل ئەلا ئىبراھىم
领域: ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسۇلتان ئوبۇل ئەلا ئىبراھىم 1818 - يىللىرى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىقىدىن كەم سۆز، تەدبىرلىك، زېرەك بولۇپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ يىگىتلىك دەۋرى ئوۋچىلىق بىلەن ئۆتكەن. تەڭتۇشلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن باتۇر ئىدى. 1864 - يىلىدىكى قوزغىلاڭغا ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن قاتناشقان. ئۇ ئاددىي ئەسكەرلىكتىن خىزمەت كۆرسىتىپ، مەرەمزات سۇلتاننىڭ لەشكەر بېشى بولغان. ئۇ، شۇ چاغدا 40 ياشتا ئىدى.
سۇلتان ئوبۇل ئەلاخان 1871 - يىلى ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چارروسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئالما - ئاتاغا ھەيدەپ كېتىلىدۇ ۋە سۇلتان قورغان دېگەن يەردە نەزەربەنت قىلىنىدۇ.
سۇلتان ئوبۇل ئەلاخان سۇلتان قورغاندا تاكى 1880 - يىلىغىچە ھايات كەچۈرۈپ، كېيىن غۇلجىغا قايتىپ قازانچى مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ 62 ياشتا ئىدى.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。