Uyghur主要词典
سىلسىلە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زەنجىر:
ئاتا - بوۋاسىلار تىزىمى، ئەۋلاد؛ سۇلە:
1. بەندە زەلىلى سەگى ئەسھاب ئېرۇر،
سىلسىلەسى بويۇنۇمە قوللاب ئېرۇر.
زەلىلى.
2. سىلسىلەئى مەشايخان سۈننەتى تەۋف ئەۋلىيا،
شەيخ زېيايى قول ئاچار كۆرسە نەيەردە بىر تېرەك.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زەنجىر؛ تىزما؛ تەرتىپ (كۆپلۈكى <سەلاسىل>): سىلسىلە جەبەل - تاغ تىزمىلىرى؛ سىلسىلە نامە - بىراۋنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى تەرتىپى بىلەن يېزىلغان قەغەز ياكى دەپتەر، جوروڭقاي؛ سىلسىلە زۇلف - چاچ بۇرىمى؛ سىلسىلە مەقسۇد - مەقسەت ۋاستىسى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <زەنجىر>، <قاتار> دېگەنلىك بولۇپ، <نەسەب> مۇ دېيىلىدۇ. (1) <ئىسناد> بىلەن مەنىداش بولۇپ ھەدىس رىۋايىتىنىڭ نەسەب ئىزچىللىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (2) تەسەۋۋۇپچىلار ئىچىدە ئاللانىڭ ئىلتىپاتى مالائىكە جىبرىئىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېتىپ كەلگەنلىكى ھەمدە ساھابىلارغا تارقالغانلىقى، بۇ روھنىڭ نەسەب بويلاپ داۋاملىشىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئادەتتىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مەنىۋى نەسەبى دەسلەپكى چاغلاردىكى مەشھۇر سوپىلار، ساھابىلار، ئەنئەنىۋى خەلىپىلەردىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نوپۇزىغىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. نەسەبنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. بەزى تەسەۋۋۇپچىلار يۇقىرىقى مەنىۋى نەسەبنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.