Uyghur主要词典
سېلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئالۋان - ياساق، باج - خىراج، سەيسى - ھاشار.
دېھقانلارنىڭ سېلىقى ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ساڭگىلاتماق، ئېسىلغان.
ئۇنىڭ قاپىقى سېلىقلىق تۇراتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆكۈمەت پۇقراغا سالىدىغان خىراج - باج، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت.
«ھاشار» ئەمگەك كۈچى سېلىقى.
«سەيسى» خەنزۇچە: 差使
يۇرت بولسا، ئالۋان بولمىسا، تىنىج بولسا، مالىمان بولمىسا، ياتقانغا يان يوق، ئوپقانغا ئالۋان. ياساق ياندىكىلەرگە يان باسىدۇ. سەيسى سەلدەك كېلىدۇ. ھاڭرىمىغان ئېشەككە سېلىق ساپتۇ. سېلىقدىن قاچساڭ، ئېلىقى بار. ھاشارغا تۇتۇلغانلاردىن ساق كەلگەنلىرى يەنە ھاشارغا تۇتۇلۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاھالىلەردىن مەلۇم تەرتىپتە ھۆكۈمەتكە تۆلىنىدىغان پۇل، مەبلەغ قاتارلىقلار.
سېلىق سالماق. سېلىق يىغماق. سېلىق تاپشۇرماق.
كۆچمە. ئېغىرچىلىق، يۈك.
ئائىلە سېلىقى.
ئۆزئارا كېلىشىلگەن ياردەم ياكى توي خىراجىتى ئۈچۈن يىگىت تەرەپتىن قىز تەرەپكە بېرىلىدىغان پۇل ياكى مەبلەغ، تۆلەم.
توينىڭ سېلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سېلىنغان ھالەتتىكى، سېلىنغان، سېلىقلىق.
قاپىقى سېلىق ئادەم.