Uyghur←Chinese主要词典
سىللانپا
دۇنيا تارىخى
西兰帕
xī lán pà
(1888 - 1964) فىنلاندىيىلىك يازغۇچى. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە ئوقۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇشتىن توختاپ، نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە قاتناشقان. كېيىن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1926 - يىلى پروفېسسور بولغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە يېزا تۇرمۇشى ۋە تەبىئەت مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن. 1916 - يىلى <ھاياتتىكى قۇياش> دېگەن ياشلارنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى ھېكايىسىنى نەشىر قىلدۇرغان، ئاساسلىق ئەسەرلىرى 1918 - يىلدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋامىدىكى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن <دېدەك سېرىيە>، <ئىتائەتچان ئەنئەنە>ۋە 1940 - يىلى سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن <بىر ئادەمنىڭ رولى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1939 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.