Uyghur主要词典
سىلىكاتلار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خىمىيە
سىلىكات كىسلاتاسىنىڭ تۇزلىرى. چىرىمتال، دالا شىپاتى، ئامفىبول قاتارلىقلارغا ئوخشاش يەر پوستىنى تۈزگۈچى ئاساسىي تەركىب ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، ئوتقا چىداملىق، قاتتىقلىقى يۇقىرى كېلىدۇ. ئادەتتە چىداملىق ماتېرىيال، ئەينەك، فارفور، سېمونت قاتارلىقلار ئۈچۈن خام ئەشيا قىلىنىدۇ.