Uyghur←Chinese主要词典
سېليوس پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
塞琉西王国
sāi liú xī wáng guó
سۈرىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلادىدىن 312 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر (ئىمپېراتور)نىڭ سەردارى سېليوكوس Ⅰ قۇرغان. يۇنانلاشتۇرۇلغان دۆلەتلەر ئىچىدە زېمىنى ئەڭ چوڭ بولغان. مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى ئىپسوس ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ دۆلەت غەربتە كىچىك ئاسىيا، سۈرىيىدىن، شەرقتە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغىچە بولغان كەڭ رايونغا ئىگە بولغان. ئورۇنت دەرياسى ۋادىسىدىكى ئانتىيوكىيىنى پايتەخت قىلغان. ئاھالە تەركىنى مۇرەككەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەكشى بولمىغان. ھۆكۈمرانلىرى گرېتسىيە كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە ۋە بىر تۈركۈم يېڭى شەھەر قۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن. ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىق يولغا قويۇلغان. قارىمىقىدا بىرقانچەمەمۇرىي ئۆلكە تەسىس قىلىنىپ رايونلار بويىچە باشقۇرۇلغان، شەھەرلەرگە ئومومەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 284 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى پارگام پادىشاھلىقى سېليوس پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەنى سېليوكوس Ⅱ دەۋرىدە باكتېرىيە ۋە ئارساك (پارفىيە) كەينى - كەينىدىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ زېمىنى زور دەرىجىدە ئازايغان. ئانتىيۇك Ⅲ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 223 - 187) يەنە بىرقېتىم كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، رىم بىلەن بولغان سۈرىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ زاۋالغا يۈز تۇتقان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە ئاتا - بالا ماككايىلار پەلەستىنلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن مۇستەقىل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسرىنىڭ ئوتتۇرلىرى ئارساكتىن يېڭىلىپ، ئېفرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنىدىن مەھرۇم بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرگە كەلگەندە پەقەت سۈرىيە ئەتراپىغىلا ئىگە بولغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىنمۇنقەرز قىلىنغان.