Uyghur主要词典
سىلاپ سىيپاپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىگە قولنى تەگكۈزۈپ، ئۇ ياق - بۇ ياققا يېنىك يۆتكىمەك.
بوۋاقنىڭ يۈز - كۆزىنى سىلىماق ياخشى ئەمەس. مۈشۈكنى سىيپىساڭ، سىيپىغاننى بىلىدۇ. قاراڭغۇدا ئىشىكنى سىلاپ - سىيپاپ يۈرۈپ ئاران تاپتىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سىلاپ ۋە سىيپاپ، ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىپ.
ئايتىللا تامنى سىلاپ - سىيپاپ تۆر تەرەپكە ماڭدى.
كۆچمە. ئەپلەپ - سەپلەپ، چىرايلىق گەپ - سۆزلەر بىلەن، سىلىق مۇئامىلە قىلىپ.
راست سۆزنى دېمەي، سىلاپ - سيپاپ، كۆڭلىنى ياساپ ئۆتكۈزۈۋەتسەممۇ بولغانىكەن.
كۆچمە. ئەركىلىتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ.
- بالا دېگەننى ھەددىدىن ئارتۇق سىلاپ - سىيپاپ ئۆگىتىپ قويساڭ، ئۇ كېيىن ئۆزۈڭگە بالا بولىدۇ!