Uyghur←Chinese主要词典
سكوۋورودا
دۇنيا تارىخى
斯科沃罗达
sī kē wò luó dá
(1722 - 1794). ئۇكرائىنانىڭ مەرىپەتچى مۇتەپەككۇرى ۋە شائىرى. ئاددىي كازاك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىيېۋتا ئوقۇغان ھەمدە چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلغان، كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئىلغار كۆز قاراشلارنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. يانچىلىق تۈزۈمىگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرۇپ، چېركاۋنىڭ مەدرىس پەلسەپىسىنى سۆكۈپ، راھىبلار بىلەن بايلارنىڭ پارازىتلىقىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئۇنىڭ پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلىگە بولغان كۆز قارشى ئىدېئالىزمچە بولۇپ، روھنىڭ مەنبەسى بىرلەمچىدۇر، دەپ قارىغان؛ ئەمما دۇنيا قارىشىدا ماتېرىيالىستىك تەركىبلەرمۇ بولۇپ، ماددا زاماندا مەڭگۈلۈكتۇر، ماكاندا چەكسىزدۇر، دەپ قارىغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى <نارسۇشۇس>، <روھىي دۇنيا ھەققىدىكى دوستانە سۆھبەت> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شېئىرلىرىنىڭ تولىسى <ئاجايىپ شېئىرلار باغچىسى> دېگەن شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.