Uyghur←Chinese主要词典
سىكوتسېل
بىئولوگىيە
矮壮素
ǎizhuàngsù
بىر خىل خولىننىڭ تۇغۇندىسى بولۇپ، خىمىيىلىك نامى: 2 - خلورو ئېتىل، ترىي مېتىل، ئاممونىي خلور، ياكى خلورو خولىن خلورىد C. C. C دەپمۇ ئاتىلىدۇ ساپ ماددىسى ئاق رەڭلىك كرىستال بولۇپ بېلىق ھىدى پۇرايدۇ، سۇدا ئېرىيدۇ. سىكوتسېل كۆپ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇزىراپ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ، ئۇنىڭ ئىپادىلىرى: بوغۇم ئارىلىقى قىسقىرايدۇ، غولى توملىشىدۇ، يوپۇرماق رەڭگى قېنىقلىشىدۇ؛ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەگرىلىشىپ ئۆسۈشى ۋە يېتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇغداي ۋە كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىنى سىكوتسېل ئارقىلىق كونترول قىلىش ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئازوتلۇق ئوغۇت ئىشلىتىلىش مىقدارى يۇقىرى بولغان ئېتىز (ساپ ئازوت ھەر موغا 35.13 كىلوگرام) غا سىكوتسېل ئىشلىتىلسە بۇغداينىڭ غولى توم، يوپۇرمىقى تىك، يوپۇرماق رەڭگى قېنىق يېشىل، تۈپلىنىشى بالدۇر بولىدۇ؛ يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە دېنى توق مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ. 20ppm لىق ساپ سىكوتسېل بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان پەمىدۇر بالدۇر چېچەكلەيدۇ، بالدۇر ھوسۇل بېرىدۇ. كېۋەز غۇنچىلىغان مەزگىلدە سىكوتسېل چېچىلسا مەھسۇلات ئۈنۈمى ئاشىدۇ. چۈنكى سىكوتسېل كېۋەز تۈپىنى چىڭىتىدۇ، بوغۇم ئارىلىقىنى قىسقارتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىۋەز ئېتىزىنىڭ شامال ۋە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشىلىنىپ غۇنچىسىنىڭ تۆكۈلۈشى ئازىيدۇ.
ئورمانچىلىق
矮壮素(稻麦立,三西)
ǎi zhuàng sù (dào mài lì ,sān xī )Dباغۋەنچىلىك
سىكوتسېل (ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچى ماددا)
矮壮素
ǎi zhuàng sùDباغۋەنچىلىك
سىكوتسېل (ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچى ماددا
氯化铝胆碱
lǜ huà lǚ dǎn jiǎ