Uyghur主要词典
سىكوپاس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش، ئارخېتىكتور. ئېگېي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى پاروس ئارىلىدا سەنئەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن 394 - 351 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا بولۇپ،پراكىستېلېس بىلەن زامانداش، بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭراق بولۇپ، ھەرئىككىسى يۇناننىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى (پېلوپوننېس ئۇرىشىدىن كېيىنكى ) ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دەسلەپكى چاغلاردا ئاركادىيە (جەنۇبى يۇنان) نىڭ تېگىيە دېگەن يېرىدكى ئافىنا ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرىشىغا قاتناشقان. كېيىكى چاغلاردا كىچىك ئاسىيا كارىيە رايونىنىڭ ھالىكارناسسوس شەھىرىدىكى مائۇسولوم مەقبەرى (قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئاجايىباتنىڭ بىرى) نىڭ قۇرۇلىشىنىڭ قاپارتما ئويمىچىلىق ئىشىغا(ئوتتۇرا ماڭلاينى بېزەشكە) قاتناشقان. يانا بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ يەنە كىچىك ئاسىيانىڭ ئېپسوس دېگەن يېرىدىكى ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغىمۇ قاتناشقان. سىكوپاس يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدىكى سەنئەتچىلەرنىڭ پېشىۋاسى. ئۇنىڭ ئايرىم ئەسەرلىرى رىم دەۋرىدە ساقلانغان بولسىمۇ، كېيىن يوقىلىپ كەتكەن. پەقەت بىرلا <كالۇدوننىڭ ياۋا توڭگۇزى >(ھازىر ئافىنا دۆلەت ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا) ساقلانغان بۇلۇپ، ئېيتىلىشىچە سىكوپاسنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەسىرىئىكەن.