Uyghur←Chinese主要词典
سكازكىن
دۇنيا تارىخى
斯卡兹金
sī kǎ zī jīn
(1891 - 1973). سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى. 1915-يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، 1920-يىلدىن باشلاپ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1935-يىلى پروفېسسور بولغان. 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكدېمىكى بولۇپ سايلانغان. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ مەلۇماتى چوڭقۇر، قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يەر مۇناسىۋىتى، غەربىي ياۋروپانىڭ ⅩⅥ - ⅩⅦ ئەسىرلەردىكى دېھقانلار تارىخى (بولۇپمۇ فرانسىيىنىڭ دېھقانلار تارىخى) ۋە بىدئەتچىلەر ھەرىكىتى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلغان، ياۋروپانىىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى بەزى زور مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان، داشۆلەرنىڭ بىر يۈرۈش ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىي دەرسلىكىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە كۆپ توملۇق <دۇنيا ئومۇمىي تارىخى>، <دىپلوماتىيە تارىخى> ۋە <فرانسىيە تارىخى> نى تۈزۈشكە قاتناشقان. <غەربىي ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دېھقانلار تارىخى پروگراممىسى>، <روسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرلىشىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.