Uyghur主要词典
سىكاس دەرىخى
بىئولوگىيە
سىكاس دەرىخى ئائىلىسگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال، غولىدا بۇرمىسىمان تىزىلغان مۇكا شەكىللىك يوپۇرماق سېپى ئىزى بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئىككى خىل بولۇپ غولىنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. پەيسىمان يوپۇرمىقى چوڭ، تولۇق يوپۇرمىقى تەتۈر ئۆرۈلگەن تۇخۇمسىمان تۆمۈنە شەكىللىك بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى ئازراق تۆت بۇرجەك بولۇپ، ئىككى يېنىدا ھەرىسىمان تىكىنى بولىدۇ؛ پەيسىمان يېرىلغان يوپۇرمىقى يىپ شەكىللىك، قاتتىق بولۇپ، يوپۇرماق ئوقىدا ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ، يۇقىرىغا <V> شەكلىدە يانتۇ ئېچىلىدۇ؛ تەڭگىچە يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەك تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، يۇمران مەزگىلدە زىچ جايلاشقان سارغۇچ قوڭۇررەڭ تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، قېرىغاندا قوڭۇررەڭ ياكى قارامتۇل قوڭۇررەڭ ئۆزگىرىدۇ؛ ئىككى خىل يوپۇرماق غولىدا ئۆز ئارا نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شارچە گۈلى يەككە جىنىسلىق بولۇپ ئايرىم - تۈپتە بولىدۇ، غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىق شارچە گۈلى سىلىندىرسىمان بولۇپ، كۆپ ساندىكى تارپانۇسسمان كىچىك سپورىلىق يوپۇرماقلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئۈستىدە تۆش سۆڭىكىسىمان ئۆسۈكچە بولىدۇ، تۆۋەنكى تەرىپىدە 3 - 5 دانە شارسىمان چاڭدان توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ چوڭ سپورىلىق يوپۇرمىقى ياپىلاق بولۇپ، ئۇچى تۇخۇمسىمان ياكى ئۇزۇن تۇخۇمسىمان بولىدۇ، گىرۋىكى پەيسىمان يېرىلىدۇ، يىپسىمان ئۈچكە شەكىللىك بولىدۇ، ئۇچى تىكەنسىمان ئۇچلىنىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى ساپسىمان بولىدۇ، ئىككى يېنىدا 2 - 10 تال تۆرەلمە تۈگۈنى ئۆسىدۇ، سپورىلىق يوپۇرماق بىلەن تۆرەلمە تۈگۈنىدە زىچ ئۆسكەن تىۋىت تۈكچىلەر بولىدۇ، ئۇرۇق ئۈچكىلىك مېۋىسىمان بولۇپ، تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇم شەكىللىك، قىزىل بولىدۇ. سىكاس دەرىخى تەيۋەن، فۇجيەن، گۇڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، سچۇەن قاتارلىق ئۆلىكىلەرگە تارقىلىدۇ. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. جەنۇبىي جۇڭگودا يېشى ئون ياشتىن يۇقىرى بولغان سىكاس دەرىخى ھەر يىلى چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ، جاڭجىياڭ ۋادىسى ياكى شىمالدا ئۆستۈرۈلگەن سىكاس دەرىخى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە چېچەكلىمەيدۇ، ياكى تاسادىپىي چېچەكلەيدۇ، شۇڭا ئۇ خۇش خەۋەر بولۇپ تارقىلىدۇ. ئۇرۇقى دورىغا قوشۇلىدۇ؛ غولىدىن ئېلىنىدىغان كراخمال ساگونىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.