Uyghur主要词典
سكامارلار ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅴ ئەسىرنى ئاخىرىدىن Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدە يۈز بەرگەن قۇللار، قۇل دېھقانلار ۋە ۋەيران بولغان قول سانائەتچىلەرنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. قۇلدارلار ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنى كەمسىتىپ <سكامار> (مەنىسى <قاراقچى> دېگەنلىك بولىدۇ) لار دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ ھەرىكەت نورىكۇم (دۇناي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىم جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلانغان، ھازىر ئاۋسترىيە چېگرىسىنىڭ ئىچىدە) ۋە پاننونىيىلەردە پارتلىغان. كېيىن ئىللىرىيتە ۋە تېسسالى قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىپ، ھەيۋىتى زور بولغان. <سكامار> لار قۇلدارلارنىىڭ قۇرۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان، يامان ئىشلارنى كۆپ قىلغان قۇلدارلارنى ئۆلتۈرگەن، بەزىدە شەھەرلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلغان. 505-يىلى موندو ھەرىكەتنىڭ داھىيسى قىلىپ سايلانغان. ئۇلار مارگ دەرياسى (ھازىرقى ئىسمى موراۋا دەرياسى) جېڭىدە ۋېزانتىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. ئىمپېراتور جۇستىنئانۇس تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (527 - 565)، بۇ ھەرىكەت تېسسالىنى قاپلىغان. كېيىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن