Chinese→Uyghur主要词典
丝腺
بىئولوگىيە
يىپەك بېزى
ھايۋان تېنىدىكى يىپەك ماددىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل بەز. تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئۆي پىلە قۇرتىنىڭ تېنىدە بىر جۈپ نەيچىسىمان يىپەك بېزى بولۇپ، ئالدىنقى، ئوتتۇرا، ئاخىرقى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ؛ ئالدىنقى قىسمى ئەڭ ئىنچىكە بولۇپ، ئوڭ سول - ئىككى يىپەك بېزىنىڭ ئالدى ئۇچى باش قىسمى بىلەن بىرىكىپ يىپەك قۇسۇش نەيچىسىگە ئايلانغان؛ ئوتتۇرا قىسمى ئەڭ توم بولۇپ يىپەك يېلىمى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؛ ئاخىرقى قىسمى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، يىپەك ماددىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. يېتىلگەن پىلە قۇرتىنىڭ يىپەك بېزىنىڭ پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە يېتىدۇ. يىپەك يېلىمى بىلەن يىپەك ماددىلىرى كۈچلۈك يېپىشقاق، قويۇق سۇيۇقلۇق بولۇپ، قۇسۇپ چىقىرىلغاندا ھاۋاغا يولۇقۇشى بىلەنلا قېتىشىدۇ ھەمدە فىزىكىلىق تارتىشىش رولى بىلەن يىپەك شەكىللەندۈرۈلىدۇ. پىلېكوپتېرا (پۈرمە قاناتلىقلار) ئەترىتىدىكىلەر ۋە پەردە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىر نەچچە خىل لىچىنكىلىرىدىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان يىپەك بېزى بولىدۇ. يىپەك بېزىنىڭ مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى ھەم ئورنى ھەممىسىنىڭ ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ھايۋان تۈرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، ئېمىبىئوپتېرا (توقۇغۇچى پۇتلۇقلار) ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ يىپەك بېزى ئالدىنقى پۇتىنىڭ يوغىنىغان بىرىنچى بوغۇمىغا جايلاشقان؛ ئۆمۈچۈكسىمانلار سىنپىدىكى ئۆمۈچۈكنىڭ بولسا، مورفولوگىيىسى ۋە خىزمىتى ئوخشاش بولمىغان بەش خىل يىپەك بېزى بولۇپ، قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى توقۇش ئۆسۈكچىسىگە ئېغىز ئاچقان. يىپەك بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان يىپەكلىكلەر غوزەك ياساپ بەدىنىنى قوغداشقا ۋە تور توقۇپ ئولجا تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
دېھقانچىلىق
sī xiàn
يىپسىمان بەزDئۇنىۋېرسال
sī xiàn
يىپەك بېزى