Chinese→Uyghur主要词典
思维学习
پسىخولوگىيە
تەپەككۇرلۇق ئۆگىنىش
بۇ چۈشىنىپ ئۆگىنىش ياكى ئەقىل بىلەن ئۆگىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۆگىنىش تەپەككۇر پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنداق ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلار فورمۇلا، قائىدىلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجىسىنى چۈشىنىۋالىدۇ، شەيئى - ھادىسىلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى تېپىپ، ئۆگەنگەن بىلىمى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولىدۇ. ئادەتتە تەپەككۇرلۇق ئۆگىنىش ئىلھاملاندۇرۇش شەكلىدىكى ئوقوتۇش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈش شەكلىدىكى ئوقوتۇش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ پىكىرى يۈرگۈزۈش ئاكتىپلىقى بىلەن ئاڭلىقلىقىنى قوزغاپ، ئۆگىنىش جەريانىنى ئاكتىپ، پائال سۈرەتتە ئىزدىنىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، تەپەككۇرلۇق ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلار مەلۇم يېڭى بىلىم ھاسىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر سەۋىيىسى يۈكسىلىدۇ.