Chinese→Uyghur主要词典
斯维尔德洛夫
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
sī wéi ěr dé luò fū
سۋېردلوۋ
دۇنيا تارىخى
سۋېردلوۋ
(1885 - 1919) سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. تۆۋەن نوۋگورود(ھازىرقى گوركى شەھىرى)تىكى نەققاش ئىشچىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدا دورا دۇكىنىغا كىرىپ شاگىرت بولغان. 1901 - يىلىروسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1905 - يىلى ئىنقىلابىي مەزگىلدە ئورالدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ستولېپىن ئەكسىيەتچىل دەۋرىدە، بىكار قىلغۇچىلار ۋە چاقىرىۋالغۇچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان. 1912 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ستالىن بىلەن بىرلىكتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روسىيە بيۇروسى، <پراۋدا گېزىتى> ۋە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دۆلەت دۇماسىدىكى پارتىيە ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىىنغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پېتروگراد سوۋېتى ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوراللىق قوزغىلاڭ پارتىيە باش شتابىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. 1917 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىنى داۋاملىق ئۆتىگەن. موسكۋادا كېسەلدىن ۋاپات بولغان. لېنىن ئۇنى <ئاجايىپ تالانتلىق تەشكىلاتچى> دەپ ئاتىغان.