Uyghur←Chinese主要词典
سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك ئۆمىكى
دۇنيا تارىخى
苏黎世三人团
sū lí shì sān rén tuán
گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىشچىلار پارتىيسى ئىچىدىكى ئوڭچىل ئاغمىچىلىق گورۇھى.ئەسلى <سيۇرىخ ئۈچ كىشلىك يۇلتۇزلار تۈركۈمى> مەنىسىدە بولۇپ بۇ ماركسىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەسخىرە نامى. 1878 - يىلى <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بېرنىشتېين شۋېتسارىيىنىڭ سىيۇرىخ شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ، پارتىيىنىڭ ژورنالى <سوتسىيال دېموكراتلار>نىڭ تەھرىرى مۇشبېرگ، شىدام بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن. 1879 - يىلى ئۈچەيلەن ئۈچ يولتۇزلۇق بەلگە بىلەن ئىمزا قويۇپ: <ئىجتىمائىي پەن ۋەئىجتىمائىي سياسىي يىللىق مەجمۇئە> ژورنىلىدا پارتىيىگە قارشى <گېرمانىيىدىكى سوتسىيالىستىك ھەرىكەتنى ئەسلەش> دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىدە سىنىپىي كۈرەش ۋە زورلۇق كۈچى ئىنقىلابىدىن ۋاز كېچىش تەرغىب قىلىنغان. سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى <بىر تەرەپلىمە ئىشچىلار پارتىيسى> بولماستىن، بەلكى بۇرژۇئا دېموكراتلىرى قاتناشقان <ھەر تەرەپلىمە پارتىيە> بولۇشى كېرەك دېگەننى تەرغىپ قىلغان. پارتىيىدىن <پەۋقۇلئاددە قانۇن> مەزگىلىدە بارلىق مەخپىي ھەرىكەتلەردىن ۋاز كېچىپ قانۇنىي ھەرىكەت قىلىش ئاساسىدا، بىسمارك ھۆكۈمىتىدىن <پەۋقۇلئاددە قانۇن>نى بىكار قىلىشنى تىلەشنى تەلەپ قىلغان. ماركېس، ئېنگېلس1879 - يىلى 9 - ئايدا <ئا. بېبېل، ۋ. لىبكنېخت، ۋ. بداككې قاتارلىق كىشىلەرگە يېزىلغان ئۇقتۇرۇش خەت>تە ئۇلارنىڭ ئوڭچىل ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.