Chinese→Uyghur主要词典
斯图加特大会决义
دۇنيا تارىخى
شتۇتگارت قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى
ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ گېرمانىيىنىڭ شتۇتگارت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 7 -قۇرۇلتىيدا ماقۇللانغان مىلىتارىزمغا قارشىقارار. قۇرۇلتاي 1907 - يىلى 8 - ئايدا ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا 25 دۆلەتنىڭ 800 دىن ئارتۇق ۋەكىلى قاتناشقان. ئۇ لېنىن تۇنجى قېتىم بولشېۋىكلار ۋەكىللەر ئۆمىكىگە باشچىلىق قىلىپ قاتناشقان ئىنتېرناتسىئونال يىغىنى ئىدى. قۇرۇلتايدا مىلىتارىزم ۋە خەلقئارا توقۇنۇش مەسىلىسى، مۇستەملىكىلەر مەسىلىسى ھەم پارتىيە بىلەن ئىتتىپاقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنغان. لېنىن سولچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ماركسىزم پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاغمىچىلار بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلغان. مىلىتارىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي تېمىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، لېنىن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى تەييارلاش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ئاغمىچىلار ئوتتۇرغاقويغان لايىھىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىنكار قىلغان ھەمدە بىبىل يېزىپ چىققان مىلىتارىزمغا قارشى قارار لايىھىسىگە پرىنسىپ جەھەتتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان. قاراردا پرولتارىياتنىڭ ئۇرۇشتىكى جەڭگىۋار ۋەزىپىسى ئېنىق بەلگىلىنىپ، <ياشلار ئارىسىداسەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەش لازىم؛ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان كرىزستىن پايدىلىنىپ، بۇرژۇئازىيەنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلەشتۈرۈش لازىم؛ كۈرەش ئۇسۇلى ۋە ۋاستىلىرنىڭ مۇقەررەر ھالدا سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم>دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ پرولېتارىياتنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم تاكتىكىلىق ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.