Chinese→Uyghur主要词典
斯提纳普拉
دۇنيا تارىخى
خاستىنا پۇرا
مەنە تەرجىمىسى پىل شەھىرى. ھىندىستاننىڭ قەدىكى دەۋرىدىكى پايتەخت خارابىسى. دېھلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. بۇرۇن كۆرۇ دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان. 1950 - 1952 يىللىرى قېزىلغان. بەش مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى مەزگىل (مىلادىدىن 1200 يىل ئىلگىرى ياكى ئۇنىڭدىن بالدۇر) بېغىر رەڭ ساپال قاچا مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئائىت ئىزنا ياكى ئاسارئەتىقىلەر تېپىلمىغان. ئىككىنچى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى 1000 - 800) كۈل رەڭ گۈللۈك ساپال مەدەنىيىتىگە مەنسپ بولۇپ، تىپىك كۈل رەڭ گۈللۈك ساپال قاچىلاردىن باشقا سۇ قارا، قىزىل رەڭ يالتىلغان ساپال قاچىلار، ھايۋانات ھەيكەللىرى، برونزا ئوتىغۇچ ۋە ئەينەك بىلەزۈك قاتارلىقلار بار. ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىق ئەمەس. خارابىلارنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن. ئۈچىنچى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرگىچە) شىمال تەرەپتىكى سىپتا ئىشلەنگەن قارا ساپال قاچىلارنى ئالاھىدىلىك قىلغان دەسلەپكى تارىخىي دەۋرىدىن ئىبارەت. بۇ مەزگىلدە تۆمۈر قوراللار، قېلىپتا ياسالغان ساپال ھەيكەللەر تېپىلغان. ئۆيلىرى پىششىق خىش، كېسەكلەردىن ياسالغان. كېيىن ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن. تۆتىنچى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردىن مىلادى Ⅲ ئەسىرگىچە) سۇنگا كۇشان پادىشاھلىقى دەۋرىدىن ئىبارەت. بەشىنچى مەزگىل (Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅤ ئەسىرگىچە) ئوتتۇرا ئەسىرگە مەنسۇپ.