Chinese→Uyghur主要词典
斯特鲁维
دۇنيا تارىخى
ستروۋې
(1793 - 1864). روسىيىلىك ئاسترونوم. 1810 - يىلى تېرپۇت داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان (1818 - 1839). 1839 - يىلى پركوۋو رەسەتخانىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. ئۇ توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ ئارىلىقىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆلچەپ بېكىتكەن؛ سامانيولى سېستىمىسىنڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە يولتۇزلار ئارا بوشلۇقتا نۇرنى سۈمۈرۈش ھادىسىسىنىڭ بارلىقىغا قەتئى ئىشەنگەن. يەنە دوناي دەرياسى بىلەن شىمالىي مۇز ئوكيان ئارىسىدىكى مەلۇم بىر مېردىئاننىڭ بىر بۆلىكىنىڭ ياي ئۇزۇنلۇقى (25 .20 ′)نى ئۆلچەپ چىققان. ئۇنىڭ<ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆلچەش ئىلمى>، <تۇرغۇن يولتۇزلارنى ئاسترونومىيىلىك تەتقىق قىلىش>، <تۇرغۇن يولتۇزلارنىڭ توغرا ئورنىنى كۆرسىتىش جەدۋىلى>، <جور يۇلتۇزىنى ئۆلچەش ۋە كۆزىتىش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.