Chinese→Uyghur主要词典
斯特林堡
دۇنيا تارىخى
سترىندبېرگ
(1849 - 1912). شۋېتسىيىلىك دراماتورگ، يازغۇچى ۋە شائىر. ستوكھولمدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان. ئوسسالا داشۆسىدە ئوقۇغان. ئوقۇتقۇچى، ئارتىس، مۇخبىر ۋە خانلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان. كۆپ قېتىم چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىنىڭ تولىسى ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان ئەدەبىي سەھنە ئەسەرلىرىدىن ئىبارەت بولغان. 1879 - يىلى بيۇرۇكراتلىق ۋە ھايانكەش سودىگەرلەرنى سۆككەن رومانى <قىزىل ئۆيلەر>نى ئېلان قىلىپ، بىردىنلا داڭق چىقارغان. 80 - يىللاردا نورۋىگىيە يازغۇچىسى ئىبىسېننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئۆزگەرگەن. 1886 - يىلى يېڭى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىلەن ئۆزىنىڭ تەرجىمىھال ئەسىرى <دېدەكنىڭ ئوغلى>نى يېزىپ <80 - يىللار ئېقىمى> دەپ نام بېرىلگەن. 80 - يىللاردىن 90 - يىللارغىچە نېتزسخېئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەسەرلىرى تەبىئەتچىلىك ۋە سىرلىقلاشتۇرۇش تۈسىنى ئالغان، مەسىلەن: <دەمەشققە بارىدىغان يول>، <ئۆلۈم ئۇسۇلى> دېگەن سەھنە ئەسەرلىرى ۋە <دېڭىز بويىدا> دېگەن رومانى قاتارلىقلار. كېيىنكى ئەسەرلىرى دېموكراتچىلىققا مايىل بولغان، مەسىلەن: <چارلېس ⅡⅩ>، <گوستاف ئادولف> قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى.