Chinese→Uyghur主要词典
斯坦贝克
دۇنيا تارىخى
ستېيىنبېك
(1902 - 1968). ئامېرىكىلىق يازغۇچى. كالفورنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا يېزىدا ئەمگەك قىلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تونۇشقان. شتامفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدىن <ئالتۇن قەدەھ>، <بېھىشتىكى چارۋىچىلىق فېرمىسى>، <نامسىز ئىلاھقا بېغىشلايمەن> قاتارلىقلار ئەدەبىيات ئوبزورچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى <غەزەپلەنگەن ئۈزۈم> دە ۋەيران بولغان دېھقاننىڭ قەھەتچىلىك دەستىدىن پاناھ ئىزلەپ چىقىپ كەتكەن تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ۋە كۈرەش روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 40 - يىللاردا <ئاي پاتتى> قاتارلىق فاشزمغا قارشى ئەسەرلەرنى يازغان. كېيىنكى ئەسەرلىرىدىن <پېپىن Ⅳ نىڭ ئۆمرى قىسقاسۇلالىسى>، <بىز نازارى بولغان قىش>تا ئۈمىدسىزلىك ۋە رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كەيپىياتى بار. 1962 - يىلى نوبېل ئەدەبىياتمۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.