Chinese→Uyghur主要词典
斯诺
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
sī nuò
سنوۋ
دۇنيا تارىخى
سنوۋ
(1905 - 1972). ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋە مۇخبىر. 1928 - يىلى جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كېلىپ، شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىر بولغان. 1933 - يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ يەنجىڭ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1936 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنڭ رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي شەنشى تايانچ بازىسنى زىيارەت قىلغان. ئىككىنچى يىلى <غەربكە قىلىنغان سەپەر خاتىرىسى> (ئەسلى نامى <قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى يورۇتماقتا>)نى يېزىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى تونۇشتۇرغان. 1939 - يىلى شىمالىي شەنشىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلغان. جۇڭگونى ئۈچ قېتىم، يەنى 1960 - يىلى، 1964 - ۋە 1970 - يىلى زىيارەت قىلىپ، يېڭى جۇڭگونى تونۇشتۇرىدىغان نۇرغۇن خەۋەرلەرنى يازغان. <چوڭ دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىدا>، <جۇڭگودىكى زور ئۆزگىرىش> قاتارلىق جۇڭگونى تونۇشتۇرىدىغان كىتابلىرى بار. 1972 - يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جەنۋەدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، جەسەت كۈلىنىڭ يېرىمى 1973 - يىلى10 - ئايدا جۇڭگو بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئىچىدىكى (ئەسلىدىكى يەنجىڭ داشۆسىنىڭ كونا ئورنى) ۋېيمىنخۇ كۆلى بويىغا دەپنە قىلىنغان.