Chinese→Uyghur主要词典
斯涅弗鲁
دۇنيا تارىخى
سنېفرۇ
قەدىمكى مىسىر 4 - سۇلالىسىنىڭ 1 - فىرئەۋىنى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 3 - سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى فىرئەۋىنى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 2613 - 2589)يىل ئىلگىرى ياشىغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە نۇبىيە ۋە سىناي يېرىم ئارىلىغا يۈرۈش قىلىپ،كۆپلىگەن ئەسىرلەر ۋە چارۋىلارنى ئولجا ئالغان، مۇھىم كان - سىناي مىس كېنىنى تارتىۋالغان، جەنۇبىي چېگرا بىلەن شىمالىي چېگرىدا <سنېفرۇ ئائىلىسى> دەپ ئاتالغان غايەت زور مۇداپىئە ئىستىھكامىنى ياساتقان. چوڭ كېمە (ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر)ياسىتىپ، نىل دەرياسىدىكى قاتنىشىنى راۋاجلاندۇرغان. يەنە ئېگىزلىكى 100 مېتىر كېلىدىغان پرامىدا ياساتقان، بۇ پىرامىدا ھازىرقى قاھىرە يېنىدىكى داخاشۇر دېگەن جايدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئۇ تەختتە 24 يىل ئولتۇرۇپ، ھوقۇقنىمەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، پادىشاھلىق تەختىگە ئوغلى خوف ۋارىسلىق قىلغان.