Chinese→Uyghur主要词典
斯内耳曼
دۇنيا تارىخى
سنېلمان
(1806 - 1881). فىنلاندىيە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1822 - يىلى شىركۇ داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرگەن.1828 - يىلى شىركۇ داشۆسى بىلەن بىللە خىلسىنكىغا كۆچۈپ كېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلەر تەشكىلاتى - <شەنبە ئىلمىي جەمئىيىتى> بىلەن ئالاقە قىلغان. 1835 - يىلى پەلسەپە لىكتورى بولغان. 1839 - 1842 - يىللاردا شۋېتسىيە، دانىيە، گېرمانىيىلەرگە بېرىپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى بولغان ھەمدە <دېھقانلارنىڭ دوستى> (شۇ چاغدىكى بىردىنبىر فىنچە گېزىت) ۋە <سېما> ژورنىلىنى تەسىس قىلىپ، مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان. 1846 - يىلى <سېما> ژورنىلى پېچەتلەنگەندىن كېيىن، يەنە <ئاۋام ئەدەبىيات گېزىتى>نى چىقارغان. 1849 - يىلى خىلسىنكىغا بېرىپ پروفېسسور بولغان، مالىيە مىنىستىرلىكىنى باشقۇرغان. 1870 - 1874 - يىللاردا فىنلاندىيە ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىنڭ باشلىقى بولغان. 1863 - يىلى ئېلان قىلىنغان فىن تىلىنى دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلى قىلىش توغرىسىدىكى قانۇننىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ۋە لانگېنسكيۇلد باشلىغان پۇل ئىسلاھاتىنىڭ 1865 - يىلى ئورۇندىلىشىدا مۇھىم تۆھپىسى بار.