Chinese→Uyghur主要词典
斯莫尔尼宫
دۇنيا تارىخى
سمولىنىي سارىيى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى لېنىنگرادتىكى كلاسسىك ئوسلۇبتا سېلىنغان چوڭ ئىمارەت، ئۇلۇغ ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى. نېۋا دەرياسىنىڭ ياقىسىغا جايلاشقان. 1806 - 1808 - يىللاردا ئىتالىيىلىك ئارخېتىكتور كۋارىنگى (1744 - 1817) لايىھىلەپ بىناقىلىنغان. ئەسلىدە دېۋىرقاي زاۋۇتىنىڭ ئورنى بولۇپ، دېۋىرقاي رۇسچىدا دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، سۈپەتتە دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئاتالغان. كېيىن ئاقسۆڭەك قىزلار گىمنازىيىسى قىلىنغان. 1917 - يىلى لېنىن بۇ يەردە ئۆكتەبىر قوراللىق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، پۈتۈن روسىيە سوۋېتلەرنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ 1918 - يىل 3 - ئايدىن ئىلگىرى روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشۋېكلار) مەركىزىي كومىتېتى، سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتى ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن روسىيە سوۋېتلەر مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. لېنىنگراد ئوبلاستلىق، لېنىنگراد شەھەرلىك پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان.