Chinese→Uyghur主要词典
斯克里亚宾
دۇنيا تارىخى
سكريابىن
(1872 - 1915). روسىيىلىك كومپوزىتور، رويالچى. موسكۋا مۇزىكاشۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1904 - 1909 - يىللاردا چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1910 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. دەسلەپكى ئىجادىيىتى شوپىننىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۇنىڭ رويال تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكىلىرى، ئوركىستېر مۇزىكىلىرى ۋە باشلىنىش مۇزىكىلىرى، ئاھاڭلىق شېئىرلىرى قاتارلىقلار رومانتىك پۇراققا تولغان. 1900 - يىلدىن باشلاپ ئاساسەن سىمفونىيە مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلغان، ئۇ - <مۇقەددەس داستان> قاتارلىق ئۈچ سىمفونىيەدە، ئۆزىنىڭ 1905 - يىلى ئىنقىلابى يېقىنلىشىش ئالدىدا بىر مەھەل ئۇرغۇپ چىققان ھاياجانلىق قەلبىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1903 - يىلدىن باشلاپ ئىدېئالىستىك پەلسەپەگەبېرىلىپ كېتىپ، ئىجادىيىتى كۈنسايىن سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق، مەنچىلىككە قاراپ يۈزلەنگەن. شۇ يىلى ئۇ سىرلىق ئاھاڭ تېزمىسى ۋە ئاۋاز سېستىمىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزگىرىشچان ئاھاڭلارنى كۆپلەپ قوللانغان. كېيىنكى مەزگىللىك ئىجادىيىتىدە ئۇ ئىدېئالىستىك پەلسەپە قائىدىلىرىنى مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تېخىمۇ قىزىقىپ كەتكەن ھەمدە باشقا سەنئەت تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق پەلسەپە ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، مەسىلەن: نەيلىك - تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندىلىنىدىغان مۇزىكا <جەننەت ناخشىسى>، سىمفونىيىلىك داستان <پرومېتې>، <ئوت ناخشىسى> ۋە ئەڭ ئاخىرقى بەش پارچە (ئالتىنچىدىن ئونىنچىغىچە) رويال بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ئوركىستېر مۇزىكىسى قاتارلىقلار. بۇنداق ئىجادىيەت ستولپىننىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە چارروسىيىدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا يامرىغان ئەكسىيەتچىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى بىلەن زىچ باغلانغان.