Chinese→Uyghur主要词典
似动现象
پسىخولوگىيە
ھەرىكەتلەنگەندەك كۆرۈنۈش ھادىسىسى
بۇ بىر ئالاھىدە شەكىلدىكى ھەرىكەت سەزگۈسى. ئېكراندائالدى بىلەن بىر تىك سىزىق گەۋدىلىنىپ 0.2 سىكۇنتتىن 0.03 سىكۇنتقىچە بولغان ۋاقىت ئارىلىقىدا، بۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدە توغرا سىزىق گەۋدىلەنسە، تىك سىزىق توغرا سىزىق ئۈستىگە يىقىلغاندەك كۆرۈنىدۇ. مۇنداق ئەھۋال ھەرىكەتلەنگەندەك كۆرۈنۈش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنىڭ سەۋەبى مۇنداق: بىرىنچى تەسىر (تىك سىزىق) توختىغاندىن كېيىن، بۇ تەسىر پەيدا قىلغان نېرۋا قوزغىلىشى بىر قىسقا مەزگىل داۋاملىشىدۇ، مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى تەسىر (توغرا سىزىق) كېلىپ چىقىلسا، بۇنىڭ پەيدا قىلغان نېرۋا قوزغىلىشى بىرىنچى تەسىر وەيدا قىلغان قوزغىلىش بىلەن بىرلىشىپ، كىشىدە تىك سىزىق يىقىلىۋاتقاندەك سەزگۈنى پەيدا قىلىدۇ. كىنو لىنتىسىدىكى ھەر بىر پارچە سۈرەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ھەرىكەتسىز نەرسە. لېكىن، ئۇ سىكونتىغا 24 پارچە ئۆتۈۋاتقاندا، ئېكراندىكى سۈرەتلەر ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولۇپ كۆرىنىدۇ.