Chinese→Uyghur主要词典
斯蒂芬逊
دۇنيا تارىخى
ستېفېنسون
(1781 - 1848)، ئەنگىلىيىلىك كەشپىياتچى. 18 يېشىدا كۆمۈركاندا خىزمەت قىلىۋاتقان چېغىدا، كەچ كۇرستا ئوقۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. 1814 - يىلى ھور ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان. دەسلەپتە كۆمۈركاننىڭ كۆمۈر توشۇيدىغان ۋاگونلىرىنى سۆرەشكە ئىشلىتىلگەن، كېيىن مەملىكەت ئىچىدە قاتناشتا قوللىنىلغان. 1825 - يىلى ئەنگىليىدە ھور ماشىنىسى ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى تۆمۈريول ياسىلىپ، قاتناش - ترانسپورت ئىشلىرىنى يېڭىلاپ، سانائەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئالغا سۈرگەن.