Chinese→Uyghur主要词典
斯巴克
دۇنيا تارىخى
سپاك
(1899 - 1972) بېلگىيە باش ۋەزىرى (1938 - 1939، 1947 - 1949، 1961 - 1965). سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. بريۇسسېل ئەتراپىدا تۇغۇلغان. بريۇسسېل داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرى بولغان. 1921 - 1931 - يىللارادا ئادۋوكات بولغان. 1932 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنى ئەزالىقىغا سايلانغان. بىرقانچە قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1946 - يىلى ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. 1957 - 1961 - يىللاردا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ، غەربىي ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادىي بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربىي ياۋرۇپا ئورتاق بازىرىنى مەدھىيلىگەن.