Uyghur主要词典
سىياسەھ شەرىئەت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسىي، سىياسەت> دېگەنلىك بۇلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىنىڭ فىقھەسىدىكى <جامائەت فىقھەسى> نىڭ نەزەرىيىۋى پرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅺ ئەسىردىن كېيىن شەكىللىنىپ، سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمى ئېتىراپ قىلغان. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خەلىپە، سۇلتان قاتارلىق دۆلەت باشلىقلىرى فىقھە پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، مەمۇرىي بۇيرۇق، سىياسەت، مەمۇرىي قانۇن - قائىدە قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، فىقھەنى يولغا قويۇش ۋە تولۇقلاش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ قارىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق تۈزۈلمىسى <ۋەھىي فىقھە ئاساس قىلىنغان ھۆكۈمەت> دېيىلىدۇ. بۇ دىنىي ھاكىمىيەت بىلەن فېئودال خانلىق ھاكىمىيىتى مۇرەسسە قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق ئۆلىمالار بۇ ھەقتە كىتاب يازغان.