Uyghur主要词典
شېئىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەزەل، نەزمە:
ناقىس ئايتۇر شېئر ئارا ھەرلەھزە، ئەي ئەقلى كەمال،
تەگيەگاھىم سۆز ئاياتى مۇفەسسەردۇر مېنىڭ.
ناقىس.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شېئىر _ ئىجتىمائىي ھاياتنى باي تەسەۋۋۇر ھەم كۈچلۈك ھېسىيات ياردىمى بىلەن ھەم ئىخچام، ھەم چۈشىنەتلىك قىلىپ يازغان نەزىم. ئۇنىڭدا سۆزلەر ئوبرازلىق، يېقىملىق، ئاھاڭدار ۋە رىتىملىق بولىدۇ. كىشىنىڭ ئېسىدە ئوڭاي قالىدۇ. بۇنىڭ تۈلىرى كۆپ.
شېئىر دېگەن سۆز _ گۈزەل سېزىم، گۈزەل تۇيغۇ دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم ۋەزىنلىك، قاپىيىلىك تىل بىلەن يېزىلىدۇ ياكى توقۇلىدۇ.
«شېئىر» ئەدەبىيات ژانىرلىرىدىن بىرى.
«بېيىت»، «قوشاق» فولكلورغا ياتىدۇ.
شېئىر _ بارلىق بىلىملەرنىڭ جەۋھىرى. شېئىر پەردىنى قايرىۋېتىپ، دۇنيادىكى يوشۇرۇن گۈزەللىكلەرنى نامايەن قىلىدۇ. نەزمە كىشىنىڭ ئوي - پىكىرىنى ئاچىدۇ. بېيىت ئېيتىپ چاي تۇت، قول قوشتۇرۇپ ناماقۇل بول. خەلق قوشىقى كونىرىمايدۇ.
ئەدەبىيات بىلىملىرى
شېئىر ئەمگەكنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئەڭ قەدىمىي ئەدەبىي ژانىر ھېسابلىنىدۇ، ياۋروپادا مىلادىيىدىن9 ئەسىر ئىلگىرى قەدىمكى يۇناندا بۈيۈك شائىر ھومېر ئۆتكەن، ئۇنىڭ «ئىلئادا» ۋە «ئودىسسا» داستانلىرى ياۋروپا ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن مۇنەۋۋەر ئېپوسلار ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگودا تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «نەزمنامە» دە305 ئەسەر بولۇپ، تەخمىنەن جۇ سۇلالىسىنىڭ بېشىدىن ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىجاد قىلىنغان، ئۇ ئېلىمىز ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، كېيىنكى ئەدەبىياتقا تەسىرى چوڭقۇر.
قاپىيىنىڭ ماسلىشىشىغا، مول تەسەۋۋۇرغا ۋە قىزغىن ھېسسىياتقا ئەھمىيەت بېرىش شېئىرنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر. ھېسسىيات شېئىردا بىۋاسىتە ئىپادىلىنىدىغان ئوبيېكت، شېئىرنىڭ جېنى. تەسەۋۋۇر شېئىرنىڭ قانىتى، تەسەۋۋۇر بولمىسا، شېئىرىي ھېسسىياتمۇ ياخشى ئىپادىلەنمەيدۇ.
شېئىر ھېكايىگە، درامىغا ئوخشاش، تۇرمۇشنى ئۇنداق ئەتراپلىق، ئىنچىكە، كونكرېت تەسۋىرلىمەيدۇ. پەقەت ئالاھىدە مەنىگە ئىگە مەلۇم تۇرمۇش بۆلىكىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ، ئومۇملاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، بەي جۈيىنىڭ «پۈتمەس ئەلەم» دېگەن شېئىرىدا، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى شۈەنزۇڭنىڭ ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ دۆلەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىدەك تارىخىي پاكىت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شەھۋەتكە تولغان ئوردا تۇرمۇشىدىن ئىس - تۈتەكلەر قاپلىغان جەڭ مەيدانىغىچە؛ پادىشاھنىڭ قانائەتسىز مۇھەببىتىدىن ياڭ گۈيفېينىڭ ئۆلۈكى قالغان يەرگىچە؛ شاھنىڭ ئالىي نوپۇزىدىن تاڭ شۈەنزۇڭ ياڭ گۈيفېينى قۇتقۇزالمىغان يەرگىچە بولغان مۇرەككەپ مەزمۇنلار ئازغىنە سەھىپىدە يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلغان.
شېئىر تىلى باشقا ژانىرلار تىلىدىن بەكرەك تاۋلىنىدۇ، ھەتتا ھەربىر سۆزى قايتا - قايتا تاللانغاندىلا، ئىدىيىۋى ھېسسىيات ۋە تۇرمۇش مەزمۇنىنى ئەڭ جايىدا ۋە تولۇق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ شېئىر نەچچە مىڭ توننا تىل رۇدىسىدىن مەزمۇننى يېتەرلىك ئىپادىلىيەلەيدىغان بىر سۆز - ئىبارىنى تاۋلاپ چىقىشى كېرەك دېيىشىنىڭ ئاساسى مۇشۇ يەردە، شېئىردا كۈچلۈك ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭدا يەنە روشەن رىتىم ۋە ماس ۋەزىن بولۇشى كېرەك.
شېئىرنى قاپىيىسىگە قاراپ تۈرگە بۆلۈشكە توغرا كەلسە، ئۇ ئادەتتە قاپىيىلىك شېئىر ۋە قاپىيىسىز شېئىر دەپ بۆلۈنىدۇ؛ تىل شەكلىگە قاراپ ۋەزىنلىك شېئىر ۋە چاچما شېئىر دەپ بۆلۈنىدۇ؛ مەزمۇننى ئىپادىلەش شەكلىگە قاراپ لىرىك شېئىر ۋە ئېپىك شېئىر دەپ بۆلۈنىدۇ. ناۋادا بەزى شېئىرلار نەسر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسا، ئۇنى نەسرىي شېئىر دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ئەدەبىي ژانىرلاردىن بىرى، يەنى مەلۇم ۋەزىن ۋە قاپىيىلىك كىچىك تىپتىكى بەدىئىي ئەسەر. ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي ھايات رىتىم، ۋەزىن، قاپىيىدىن ئىبارەت تىل ۋاسىتىسى ھەم باي تەسەۋۋۇر ۋە كۈچلۈك ھېسسىيات ياردىمى بىلەن ھەم ئىخچام، ھەم چۈشىنەرلىك قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. سۆزلەر ئوبرازلىق، يېقىملىق، ئاھاڭدار ۋە رىتىملىق بولىدۇ. شېئىرنىڭ ئادەتتە چاچما شېئىر، لىرىك شېئىر، ئېپىك شېئىر دېگەندەك ھەرخىل تۈرلىرى بولىدۇ.