Uyghur←Chinese主要词典
شېخۇ
دۇنيا تارىخى
谢胡
xiè hú
(1913 - 1981)، ئالبانىيە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، فىئېر رايونىنىڭ چاروش كەنتىدە تۇغۇلغان. 1932 - يىلى ترانا تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1935 - يىلى ئىتالىيىگە بېرىپ، نېئاپول ھەربىي ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. 1937 - يىلى ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوغدىغۇچى خەلقئار كالۇننىغا قاتناشقان. شۇ يىلى ئىسپانىيە كوممىنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1942 - يىلى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ئالبانىيە كوممىنىستىك پارتىيسى(1948 - يىلى ئالبانىيە ئەمگەك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) گە كىرىپ، ۋلوىي ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە تەشكىلات سېكرتارلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىكى يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ لۈيجاڭى، شىجاڭى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئالىي ھەربىي ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان، 1946 - يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ، خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاپ باشلىقى بولغان. 1948 - يىلىدىن باشلاپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1954 - يىلىدىن باشلاپ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغان، 1974 - 1980 - يىللاردا قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1956 - يىل جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، كېيىن جۇڭگونى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغان.