Uyghur←Chinese主要词典
شۋېرنىك
دۇنيا تارىخى
什维尔尼克
shén wéi ěr ní kè
(1888 - 1970)سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى(1946 - 1953). ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1905 - يىلى روسىيە سوتسىيال دىمۇكرات ئىشچىلار پارتىيسىگە (بولشېۋىك) كىرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە روسىيە زەمبىرەك زاۋۇتى ئىشچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. غەلىبە قىلغاندىن كېيىن سامارا شەھەرلىك سوۋېت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە شەرقىي سەپ، غەربىي سەپ قىزىل ئارمىيىسىدە سىياسىي خىزمەتكە مەسئۇل بولغان. 1925 - يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممىنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىك) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، لېنىنگىراد ئۆلكىسىنىڭ سېكرتارى(1925 - 1926)، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرتارى(1926 - 1927) بولغان. 1930 - 1944 - يىللىرى سوۋېت مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىي پراۋلېنىيىنىڭ بىرىنچى سېكرتارى بولغان. 1953 - 1956 - يىللىرى سوۋېت مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىي پراۋلېنىيىنىڭ رەئىسى بولغان. 1956 - 1962 - يىللىرى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1962 - 1966 - يىللىرى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.