Uyghur主要词典
شۇئۇبىيە ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىدىيىۋى مەدەنىيەت ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە <كۆپ مىللەتچىلىك ھەرىكىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرىگە بولغان نارازىلىقى ۋە دۈشمەنلىشىش كەيپىياتىدىن پەيدا بولدى. بۇ ئەھۋال ھەممىدىن بۇرۇن مۇئتەزىلىيە مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇن ۋە ئەدىب جاھىز (775 - 688) نىڭ ئەسىرىدە كۆرۈلدى. ئۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي باراۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئەرەب مىللىتىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇرۇشىنى ئىنكار قىلدى. كېيىن ئەرەبكە قارشى ھەممە ئىدىيە ۋە شەخسلەر كۆزدە تۇتۇلدى. بۇ ھال ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرىدە ئەۋج ئالدى. ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى ئاساس قىلىنىپ، مىللەتلەرنى ئېسىل، ناچار دەپ ئايرىماسلىق، ئىخلاسمەنلىك بىلەن گۈزۈل ئەخلاقنى جىمى ھەرىكەتلەرنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىش تەكىتلەندى؛ مىللەتچىلىكنى ئىسلام ئېتىقادىدىن ئۈستۈن قويۇش، ئەرەب مىللىتىنى كۆزگە ئىلماسلىق، بۇ مىللەتكە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراش، ئەرەب مەدەنىيىتىنى كەمسىتىش، پارسلار، نەبتلار، كوپتلار، ئاندۇسلارنى ئاساس قىلىش تەشەببۇس قىلىندى. ئەرەبلەرگە ئورتاق قارشى تۇرىدىغان مىللىي ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈلدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىرى ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدىن چىققان ئۆلىمالار بولۇپ، مەرتىۋىلىك زاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. كۆپىنچە تالاش - تارتىش ئىلىم - مەدەنىيەت ساھەسىدە داۋاملىشىپ، تىنچلىقتىن تەدرىجخي ئەسەبىيلىككە يۈزلەندى. ئوخشىمىغان مىللەتلەردە ئىپادىلىنىش شەكلى ھەر خىل بولدى. پرسىيىلىك ئۆلىما سەييىد بىننى بەختەكەننىڭ <يات مىللەتنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە كۆرەڭلىكى>؛ ئىللاننىڭ <قۇسۇرلار توپلىمى>؛ ئەبۇ ئۇبەيداھ بىننى مۇسەننا (728 - 825) نىڭ <ئەرەبلەرنىڭ ئوغرىلىقى>، <ئەرەبلەرنىڭ ھارامدىن بولغان بالىسى>، <پارسلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى>، <بىننى ئادىيەنىڭ كەمچىلىكلەر قامۇسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە ئەرەبلەر بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك ۋە ئاجىزلىقلىرى ئۆرپ - ئادەت، ئەدەبىيات، ئىستىلىستىكا، ئىجتىمائىي تۈزۈم قاتارلىق جەھەتلەردىن سېلىشتۇرۇلۇپ، ئەرەبلەردىكى مىللىي ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى ۋە باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشنىڭ ئاساسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ بېرىلدى. بۇنىڭ تەسىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.